3خۇشپۇراقتۇر سېنىڭ ئەتىرلىرىڭ؛ قۇيۇلغان پۇراقلىق ماي سېنىڭ نامىڭدۇر؛ شۇڭلاشقا قىزلار سېنى سۆيىدۇ. كۆڭلۈمنى ئۆزۈڭگە مەھلىيا قىلغايسەن ــ بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى! ــ پادىشاھ مېنى ئۆز ھۇجرىلىرىغا ئەكىرگەي!»
4«بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛ سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز».
5«ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ». ــ «قارا تەنلىك بولغىنىم بىلەن چىرايلىقمەن، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى! بەرھەق، كېدارلىقلارنىڭ چېدىرلىرىدەك، سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك قارىمەن.
6ماڭا تىكىلىپ قارىماڭلار، چۈنكى قارىدۇرمەن، چۈنكى ئاپتاپ مېنى كۆيدۈردى؛ ئانامنىڭ ئوغۇللىرى مەندىن رەنجىگەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۈزۈمزارلارنى باققۇچى قىلدى؛ شۇڭا ئۆز ئۈزۈمزارىمنى باقالمىغانمەن».