Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:6-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6ئەمدى ياش يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇپ جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى.
7تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، ئانانىياسنىڭ ئايالى كىرىپ كەلدى؛ بىراق ئۇ بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىدى.
8پېترۇس ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئېيتقىن، سىلەر يەرنى مۇشۇ پۇلغا ساتتىڭلارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق، مۇشۇنچىلىك پۇلغا ساتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
9پېترۇس‫‪:‬‬ ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناشقا تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قارا، ئېرىڭنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ پۇتلىرى ئىشىك تۈۋىدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىمۇ ئەكېتىدۇ! ــ دېدى.
10ئۇمۇ شۇئان ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياش يىگىتلەر كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى.
11پۈتۈن جامائەتنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەربىرىنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.
12روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق ئېتىقادچىلار بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى.
13بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى.
14شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ‫‪‎-‎‬‬توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى).
15شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى.
16يەنە توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر‫‪‎-‎‬‬يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.
17باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى سادۇقىي مەزھەپىدىكىلەر قوزغىلىپ بۇ ئىشلارغا غەزەپلىنىپ،

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:6-17روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:6-17