22چۈنكى بۇ ساقايتىلىش مۆجىزىلىك ئالامىتى كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقانىدى.
23ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى.
24ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى: ــ ئى ئىگىمىز، سەن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇرسەن.