Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:18-33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن، ئۇلار بېشارەت يەتكۈزىدۇ.
19مەن يۇقىرىدا ئاسمانلاردا كارامەت ئىشلار، تۆۋەندە، زېمىندا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن.
20رەبنىڭ ئۇلۇغ ھەم كارامەت‫‪‎-‎‬‬شەرەپلىك كۈنى بولمىغۇچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
21ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ».  
22ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات ــ بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ
23ئۇ كىشى خۇدانىڭ بېكىتكەن مەقسىتى ۋە ئالدىنئالا بىلىشى بويىچە ساتقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كرېستلەپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار.   
24لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئازابلارنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىپ قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
25داۋۇت زەبۇردا ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئالدىن ئېيتقان‫‪:‬‬ «مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدا كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن.
26شۇڭا مېنىڭ قەلبىم خۇشاللاندى، مېنىڭ تىلىم شادلىنىپ يايرىدى؛ مېنىڭ تېنىم ئۈمىد‫‪‎-‎‬‬ئارزۇ ئىچىدە تۇرىدۇ؛
27چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا چىرىشلەرنى كۆرگۈزمەيسەن.
28سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛ ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد‫‪‎-‎‬‬خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن».  
29قېرىنداشلار، مەن ئاتىمىز پادىشاھ داۋۇت توغرۇلۇق ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇ ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئارىمىزدا بار.
30ئەمدى ئۇ پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەننى تۇرغۇزۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.   
31ئۇ مەسىھنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلىدىغىنىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىھنىڭ تەھتىسارادا قالدۇرۇلمايدىغىنىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغىنىنى تىلغا ئالغان.
32خۇدا دەل بۇ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، ۋە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرىمىز.
33ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر كۆرۈۋاتقان ھەم ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى تۆكۈپ بىزلەرگە چۈشۈردى.   

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:18-33روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:18-33