1ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.
2ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى.
3ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى.
4ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى.