Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:4-7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ ئىشىنىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قوشۇلدى؛ شۇنداقلا خۇدادىن قورقىدىغان گرېكلەردىن زور بىر توپ ئادەملەر ۋە ئاز بولمىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ شۇنداق ئىشەندى.  
5بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن‫‪‎-‎‬‬ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق كېڭەشمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى.
6لېكىن ئۇلار ئىككىيلەننى تاپالماي ئۇلار ياسون ۋە باشقا بىرنەچچە قېرىشداشنى شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ‫‪:‬‬ ــ ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن‫‪‎-‎‬‬ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر مۇشۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدى؛
7ياسون ئۇلارنى ئۆيىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ جاكارلاپ، قەيسەرنىڭ پەرمانلىرىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:4-7روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:4-7