17شۇڭا ئۇ سىناگوگدا يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورقىدىغانلار بىلەن ھەم شۇنىڭدەك ھەركۈنى بازاردا ئۇچرىغانلا كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى.
18«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ ئاتالغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلاردىن بەزىلەر: ــ بۇ بىلەرمەن پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ئەيسا ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغانلىقىدىن: ــ ئۇ يات ئىلاھلارنىڭ تەرغىباتچىسى ئوخشايدۇ! ــ دېيىشتى.