33كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛
34ئىككىيلەننى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇ پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن زور شادلاندى.
35ئەتىسى ئەتىگەندە، سوراقچى ئەمەلدارلار ياساۋۇللارنى زىندانغا ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى.
36گۇندىپاي بۇ سۆزنى پاۋلۇسقا يەتكۈزۈپ: ــ سوراقچى ئەمەلدارلار ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش يارلىقىنى چۈشۈردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقىپ، تىنچ-ئامان يولۇڭلارغا چىقىڭلار، ــ دېدى.
37بىراق پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: ــ بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار ھازىر بىزنى يوشۇرۇنچە قوغلىماقچىمۇ؟ ياق، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ! ئەمەلدارلار ئۆزلىرى كېلىپ بىزنى چىقارسۇن! ــ دېدى.
38ياساۋۇللار بۇ سۆزلەرنى سوراقچى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزدى. ئۇلار ئىككىيلەننىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى؛