11ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز.
12بۇ سۆزدىن كېيىن، بارناباس بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدا ئۆزلىرى ئارقىلىق يات ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى؛ كۆپچىلىك ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ سۈكۈتتە تۇردى.