10 ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛ قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس.
11 دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛ خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر.
12 پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر.
13 ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر.
14 ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر.