2 ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛ ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر.
3 پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛ ياخشى-يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار.
4 شىپا يەتكۈزگۈچى تىل خۇددى بىر «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ تىلى ئەگرىلىك كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرار.
5 ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛ لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار.
6 ھەققانىينىڭ ئۆيىدە گۆھەرلەر كۆپتۇر؛ بىراق ياماننىڭ تاپاۋىتى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپار.