Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 9

ھېكمەت توپلىغۇچى 9:3-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3مانا ھەممىگە ئوخشاشلا بۇ ئىشنىڭ كېلىدىغانلىقى قۇياش ئاستىدىكى ئىشلار ئارىسىدا كۈلپەتلىك ئىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يامانلىققا تولغان، پۈتۈن ھاياتىدا كۆڭلىدە تەلۋىلىك تۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار ئۆلگەنلەرگە قوشۇلىدۇ.
4چۈنكى تىرىكلەرگە قوشۇلغان كىشى ئۈچۈن بولسا ئۈمىد بار؛ چۈنكى، تىرىك ئىت ئۆلگەن شىردىن ئەلا.
5تىرىكلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ بىراق ئۆلگەنلەر بولسا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچ ئىنئامى يەنە بولمايدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، قايتا كەلمەيدۇ.
6ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى، نەپرىتى ۋە ھەسەتخورلۇقىمۇ ئاللىقاچان يوقالغان؛ ئۇلارنىڭ مەڭگۈگە قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ھېچقانداق ئىشلاردىن قايتا نېسىۋىسى يوقتۇر.
7بارغىن، نېنىڭنى خۇشاللىق بىلەن يەپ، شارابىڭنى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئىچكىن؛ چۈنكى خۇدا ئاللىقاچان مۇنداق قىلىشىڭدىن رازى بولغان.
8كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكلىرىڭ ھەردائىم ئاپئاق بولسۇن، خۇشبۇي ماي بېشىڭدىن كەتمىسۇن.
9خۇدا ساڭا قۇياش ئاستىدا تەقسىم قىلغان بىمەنە ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، يەنى بىمەنىلىكتە ئۆتكۈزگەن بارلىق كۈنلىرىڭدە، سۆيۈملۈك ئايالىڭ بىلەن بىللە ھاياتتىن ھۇزۇر ئالغىن؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ھاياتىڭدىكى نېسىۋەڭ ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تارتقان جاپايىڭنىڭ ئەجرىدۇر.
10قولۇڭ تۇتقاننى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن قىلغىن؛ چۈنكى سەن بارىدىغان تەھتىسارادا ھېچ خىزمەت، مەقسەت‫‪‎-‎‬‬پىلان، بىلىم ياكى ھېكمەت بولمايدۇ.
11مەن زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدا كۆردۇمكى، مۇسابىقىدە غەلىبە يەلتاپانغا بولماس، يا جەڭدە غەلىبە پالۋانغا بولماس، يا نان دانا كىشىگە كەلمەس، يا بايلىقلار يورۇتۇلغانلارغا كەلمەس، يا ئىلتىپات بىلىملىكلەرگە بولماس ــ چۈنكى پەيت ۋە تاسادىپىيلىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كېلىدۇ.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 9ھېكمەت توپلىغۇچى 9
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 9:3-11ھېكمەت توپلىغۇچى 9:3-11