8ھېچكىم ئۆز روھىغا ئىگە بولالماس، يەنى ھېچكىمنىڭ ئۆز روھىنى ئۆزىدە قالدۇرۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ ھېچكىمنىڭ ئۆلۈش كۈنىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ شۇ جەڭدىن قېچىشقا رۇخسەت يوقتۇر؛ رەزىللىك رەزىللىككە بېرىلگۈچىلەرنى قۇتقۇزماس.
9بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، شۇنداقلا قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ھەربىر ئىشقا، ئادەمنىڭ ئادەم ئۈستىگە ھوقۇق تۇتقانلىقى بىلەن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان مۇشۇ ۋاقىتقا كۆڭۈل قويدۇم.
10شۇنىڭدەك رەزىللەرنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلار ئەسلىدە مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى؛ ئۇلار مۇقەددەس جايدىن چىقىپلا، رەزىل ئىشلارنى قىلغان شۇ شەھەر ئىچىدە ماختىلىدۇ تېخى! بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر!
11رەزىللىك ئۈستىدىن ھۆكۈم تېزدىن بەجا كەلتۈرۈلمىگەچكە، شۇڭا ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭلى رەزىللىكنى يۈرگۈزۈشكە پۈتۈنلەي بېرىلىپ كېتىدۇ.