12گۇناھكار يۈز قېتىم رەزىللىك قىلىپ، كۈنلىرىنى ئۇزارتسىمۇ، خۇدادىن قورقىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلاردىن ياخشى بولىدۇ دەپ بىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا قورقىدۇ.
13بىراق رەزىللەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۈنلىرى سايىدەك تېزلا ئۆتۈپ، كۈنلىرى ئۇزارتىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدا ئالدىدا قورقمايدۇ.
14يەر يۈزىدە يۈرگۈزۈلگەن بىر بىمەنىلىك بار؛ بېشىغا رەزىللەرنىڭ قىلغىنى بويىچە كۈن چۈشىدىغان ھەققانىي ئادەملەر بار؛ بېشىغا ھەققانىي ئادەملەرنىڭ قىلغىنى بويىچە ياخشىلىق چۈشىدىغان رەزىل ئادەملەرمۇ بار. مەن بۇ ئىشنىمۇ بىمەنىلىك دېدىم.
15شۇڭا مەن تاماشىنى تەرىپلىدىم؛ چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن قۇياش ئاستىدا يېيىش، ئىچىش ۋە ھۇزۇر ئېلىشتىن ياخسى ئىش يوقتۇر؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەمگىكىدىن بولغان مېۋە خۇدا تەقدىم قىلغان قۇياش ئاستىدىكى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ.