1ئاندىن مەن قايتىدىن زېھنىمنى يىغىپ قۇياش ئاستىدا دائىم بولۇۋاتقان بارلىق زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۆردۈم؛ مانا، ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى! ئۇلارغا ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى؛ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى، بىراق ئېزىلگەنلەرگە ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى.
2شۇڭا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلگۈچىلەرنى تېخى ھايات بولغان تىرىكلەردىن ئۈستۈن دەپ تەرىپلىدىم؛