Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 3

ھېكمەت توپلىغۇچى 3:14-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14خۇدانىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، دەپ بىلىمەن؛ ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى قوشۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ سەۋەبى ئىنساننى ئۆزىدىن ئەيمىندۈرۈشتۇر.
15ھازىر بولغانلىرى ئۆتكەندىمۇ بولغاندۇر؛ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىش ئاللىقاچان بولغاندۇر؛ خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ.
16مەن قۇياش ئاستىدا يەنە شۇ ئىشنى كۆردۈمكى ــ سوراق ئورنىدا، شۇ يەردە ھېلىھەم رەزىللىك تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق تۇرۇش كېرەك بولغان جايدا، مانا رەزىللىك تۇرىدۇ!
17مەن كۆڭلۈمدە‫‪:‬‬ «خۇدا ھەققانىي ھەم رەزىل ئادەمنى سوراققا تارتىدۇ؛ چۈنكى ھەربىر ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬مەقسەت ۋە ھەربىر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار» ــ دېدىم.
18مەن كۆڭلۈمدە‫‪:‬‬ ــ بۇنداق بولۇشى ئىنسان بالىلىرىنىڭ سەۋەبىدىندۇر؛ خۇدا ئۇلارنى سىنىماقچى، بۇ ئىشلار ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى ئۈچۈن بولغان، دەپ ئويلىدىم.
19چۈنكى ئىنسان بالىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى ھايۋانلارغىمۇ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلاردىن ئالدىنقىسى قانداق ئۆلگەن بولسا، كېيىنكىسىمۇ شۇنداق ئۆلىدۇ، ئۇلاردا ئوخشاشلا بىرلا نەپەس باردۇر. ئىنساننىڭ ھايۋانلاردىن ھېچ ئارتۇقچىلىقى يوق؛ چۈنكى ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر.
20ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جايغا بارىدۇ؛ ھەممىسى توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭدىن چىققان، ھەممىسى توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭغا قايتىدۇ.
21كىم ئادەم بالىلىرىنىڭ روھىنى بىلىدۇ؟ ئۇ يۇقىرىغا چىقامدۇ، بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ھايۋانلارنىڭ روھى، ئۇ يەر تېگىگە چۈشەمدۇ، كىم بىلىدۇ؟
22شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنساننىڭ ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇرلىنىشىدىن ئارتۇق ئىش يوقتۇر، دەپ كۆردۇم؛ چۈنكى مانا، بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى كۆرۈشكە كىم ئېلىپ كېلىدۇ؟

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 3ھېكمەت توپلىغۇچى 3
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 3:14-22ھېكمەت توپلىغۇچى 3:14-22