12ئىنسانلارغا ھاياتىدا شادلىنىش ۋە ياخشىلىق قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش يوق ئىكەن دەپ بىلىپ يەتتىم.
13شۇنداقلا يەنە، ھەربىر كىشىنىڭ يېيىش-ئىچىشى، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەجرىدىن ھۇزۇر ئېلىشى، مانا بۇ خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر.
14خۇدانىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، دەپ بىلىمەن؛ ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى قوشۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ سەۋەبى ئىنساننى ئۆزىدىن ئەيمىندۈرۈشتۇر.
15ھازىر بولغانلىرى ئۆتكەندىمۇ بولغاندۇر؛ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىش ئاللىقاچان بولغاندۇر؛ خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ.