Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 2

ھېكمەت توپلىغۇچى 2:17-26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
17شۇڭا مەن ھاياتقا ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلار ماڭا ئېغىر كېلەتتى؛ ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىش ئىدى.
18شۇنىڭدەك مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىمگە ئۆچ بولدۇم؛ چۈنكى بۇنى مەندىن كېيىن كەلگەن كىشىگە قالدۇرماسلىققا ئامالىم يوق ئىدى.
19ئۇنىڭ دانا ياكى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇ بەرىبىر مەن جاپالىق بىلەن سىڭدۈرگەن ھەمدە دانالىق بىلەن ئادا قىلغان قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئەجرىم ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.
20ئاندىن مەن رايىمدىن ياندىم، كۆڭلۈم قۇياش ئاستىدىكى جاپا تارتقان بارلىق ئەجرىمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى.
21چۈنكى ئەجرىنى دانالىق، بىلىم ۋە ئەپ بىلەن قىلغان بىر ئادەم بار؛ بىراق ئۇ ئەجرىنى ئۇنىڭغا ھېچ ئىشلىمىگەن باشقا بىرسىنىڭ نېسىۋىسى بولۇشقا قالدۇرۇشى كېرەك. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئىنتايىن ئاچچىق كۈلپەتتۇر.
22چۈنكى ئىنسان قۇياش ئاستىدا ئۆزىنى ئۇپرىتىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمگىكىدىن ۋە كۆڭلىنىڭ ئىنتىلىشلىرىدىن نېمىگە ئىگە بولىدۇ؟
23چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرى ئازابلىقتۇر، ئۇنىڭ ئەجرى غەشلىكتۇر؛ ھەتتا كېچىدە ئۇنىڭ كۆڭلى ھېچ ئارام تاپمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.
24ئىنسان ئۈچۈن شۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش يوقكى، ئۇ يېيىشى، ئىچىشى، ئۆز جېنىنى ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇر ئالدۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر؛ بۇنى خۇدانىڭ قولىدىندۇر، دەپ كۆرۈپ يەتتىم.
25چۈنكى ئۇنىڭسىز كىم يېيەلىسۇن ياكى بېسىپ ئىشلىيەلىسۇن؟
26چۈنكى ئۇ ئۆز نەزىرىگە ياقىدىغان ئادەمگە دانالىق، بىلىم ۋە شادلىقنى ئاتا قىلىدۇ؛ بىراق گۇناھكار ئادەمگە ئۇ مال‫‪‎-‎‬‬مۈلۈك يىغىپ‫‪‎-‎‬‬توپلاشقا جاپالىق ئەمگەكنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يىغىپ‫‪‎-‎‬‬توپلىغىنىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى بولغانغا تاپشۇرىدىغان قىلىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 2ھېكمەت توپلىغۇچى 2
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 2:17-26ھېكمەت توپلىغۇچى 2:17-26