11بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ.
12مەنكى ھېكمەت توپلىغۇچى يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانمەن؛
13مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان!
14مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.
15ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛ كەمنى تولۇق دەپ سانىغىلى بولماس.
16مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ: «مانا، مەن ئۇلۇغلىنىپ، مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېم ئۈستىگە بارلىق ھۆكۈم سۈرگەنلەردىن كۆپ دانالىققا ئېرىشتىم؛ مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغۇن دانالىق ۋە بىلىمگە ئېرىشتى» ــ دېدىم.
17شۇنىڭ بىلەن دانالىقنى بىلىشكە، شۇنىڭدەك تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىكنى بىلىپ يېتىشكە كۆڭۈل قويدۇم؛ مۇشۇ ئىشنىمۇ شامال قوغلىغاندەك ئىش دەپ بىلىپ يەتتىم.
18چۈنكى دانالىقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتمۇ كۆپ بولىدۇ؛ بىلىمىنى كۆپەيتكۈچىنىڭ دەرد-ئەلىمىمۇ كۆپىيدۇ.