Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ياقۇپ

ياقۇپ 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟
2سىلەر ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەس قىلىسىلەر، لېكىن ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلىرىڭلەرگە ئېرىشمەيسىلەر؛ ئادەم ئولتۇرىسىلەر، ھەسەت قىلىسىلەر، لېكىن ئېرىشەلمەيسىلەر؛ جېدەل‫‪‎-‎‬‬ماجىرا چىقىرىپ جەڭ قىلىسىلەر. ئېرىشمەيسىلەر، چۈنكى تىلىمەيسىلەر.
3تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۆز ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رەزىل نىيەتلەر بىلەن تىلەيسىلەر.
4ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ كىمدىكىم بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولسا، ئۆزىنى خۇدانىڭ دۈشمىنى قىلىدۇ.  
5مۇقەددەس يازمىلاردا‫‪:‬‬ «خۇدا قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟  
6لېكىن خۇدا بەرگەن مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ تۈپەيلىدىن مۇقەددەس يازمىلاردا‫‪:‬‬ «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن‫‪‎-‎‬‬كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر.  
7شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا بويسۇنۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ.
8خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.
9گۇناھلىرىڭلارغا قايغۇ‫‪‎-‎‬‬ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار.
10رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
11ئى قېرىنداشلار، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. كىمدىكىم قېرىندىشىنى سۆكسە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ قانۇن ئۈستىدىن توغرا‫‪‎-‎‬‬ناتوغرا دەپ ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىۋالغان بولىسەن.
12قۇتقۇزۇشقا ۋە ھالاك قىلىشقا قادىر بولغان، قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچى پەقەت بىردۇر! شۇنداق ئىكەن، سەن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇدەك زادى كىمسەن؟
13ھەي، «بۈگۈن ياكى ئەتە پالانى‫‪‎-‎‬‬پۈكۈنى شەھەرگە بارىمىز، ئۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ، تىجارەت قىلىپ پايدا تاپىمىز» دېگۈچىلەر بۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!
14ئەي ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار، ھاياتىڭلار نېمىگە ئوخشايدۇ؟ ئۇ خۇددى غىل‫‪‎-‎‬‬پال پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان بىر پارچە تۇمان، خالاس.   
15بۇنىڭ ئورنىغا، «رەب بۇيرۇسا، ھايات بولساق، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دېيىشىڭلار كېرەك.
16لېكىن ئەمدى سىلەر ھازىر ئۇنداق يوغان گەپلىرىڭلار بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق ماختىنىشلارنىڭ ھەممىسى رەزىل ئىشتۇر.
17شۇنىڭدەك كىمدىكىم مەلۇم ياخشى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بولسا، گۇناھ قىلغان بولىدۇ.