Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ياقۇپ

ياقۇپ 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردىن كۆپ كىشى تەلىم بەرگۈچى بولىۋالماڭلار! چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بىز تەلىم بەرگۈچىلەر باشقىلاردىن تېخىمۇ قاتتىق سوراققا تارتىلىمىز.
2چۈنكى ھەممىمىز كۆپ ئىشلاردا خاتالىشىپ پۇتلىشىمىز. ھالبۇكى، ئەگەر بىرسى تىلدا خاتالاشمىسا، ئۇ كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم بولىدۇ.
3مانا، بىز ئاتلارنى ئۆزىمىزگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تەنلىرىنى خالىغان تەرەپكە بۇرىيالايمىز.
4مانا، كېمىلەرگىمۇ قاراڭلار؛ شۇنچىلىك يوغان بولسىمۇ، يەنە كېلىپ دەھشەتلىك شاماللار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ ھەيدىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن رولچى قەيەرگە ئۇلارنى ھەيدەي دېسە، ئۇ كىچىككىنە بىر رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان تەرەپكە بۇرايدۇ.
5شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل تېنىمىزنىڭ كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ يوغان سۆزلەيدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت تۇتاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار!
6تىل ــ دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ!
7چۈنكى ھەرتۈرلۈك ھايۋانلار ھەم ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ھەم دېڭىزدىكى مەخلۇقلار ئىنسانىيەت تەرىپىدىن كۆندۈرۈلمەكتە ھەمدە كۆندۈرۈلگەنىدى.
8ئەمما تىلنى ھېچكىم كۆندۈرەلمەيدۇ؛ ئۇ تىنىمسىز رەزىل بىر نەرسە بولۇپ، جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە تولغاندۇر.
9بىز تىلىمىز بىلەن پەرۋەردىگار ئاتىمىزغا شانۇ‫‪‎-‎‬‬تەشەككۈر قايتۇرىمىز، ۋە يەنە ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان ئىنسانلارنى قارغايمىز.
10دېمەك، ئوخشاش بىر ئېغىزدىن ھەم تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مۇبارەك ھەم لەنەت‫‪‎-‎‬‬قارغاش چىقىدۇ. ئى قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك!
11بىر بۇلاق ئوخشاش بىر كۆزدىن بىرلا ۋاقىتتا تاتلىق ھەم قىرتاق سۇ چىقىرامدۇ؟
12ئى قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ياكى ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بېرەلەمدۇ؟ ھەم تۇزلۇق بۇلاق تاتلىق سۇنىمۇ چىقىرالمايدۇ.
13ئاراڭلاردا كىم دانا ۋە پەملىك؟ پەزىلەتلىك يۈرۈش‫‪‎-‎‬‬تۇرۇشىدىن ئۇ دانالىققا خاس بولغان مۆمىن‫‪‎-‎‬‬كەمتەرلىك بىلەن ئەمەللىرىنى كۆرسەتسۇن!
14لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل‫‪‎-‎‬‬ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار.   
15بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن‫‪‎-‎‬‬شەيتاندىن كەلگەندۇر.   
16چۈنكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل‫‪‎-‎‬‬ماجىرا بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەرخىل رەزىللىكلەر بولىدۇ.
17لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاكتۇر، ئۇ يەنە تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلىقى ئوچۇق، رەھىمدىل بولۇپ، ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا تەرەپبازلىق ياكى ساختىپەزلىك يوقتۇر.
18ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ.