Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 7

لاۋىيلار 7:24-37

Help us?
Click on verse(s) to share them!
24ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننىڭ جەسىتىنىڭ مېيىنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز ئۇنىڭدىن يېمەڭلار.
25چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مېيىنى يېسە، شۇنى يېگەن كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
26سىلەر ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا ھېچقانداق قاننى، يەنى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارنىڭ بولسۇن ياكى چارپايلارنىڭ بولسۇن قېنىنى ھەرگىز ئېستىمال قىلماڭلار.
27كىمدەكىم ھەرقانداق قاننى ئېستىمال قىلسا، شۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
28پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
29ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارغا خاس بولغان ھەدىيەنى شۇ ئىناقلىق قۇربانلىقتىن ئايرىپ كەلتۈرسۇن.
30ئۆز قولى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەرنى، يەنى ماي بىلەن تۆشنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ، تۆشنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن.   
31كاھىن مېيىنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتسۇن. تۆش بولسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا خاس بولسۇن.
32ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ئوڭ ئارقا پۇتىنى سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىنغا بېرىڭلار.
33ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن قايسىسى ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن مېيىنى سۇنغان بولسا ئۆز ئۈلۈشى ئۈچۈن ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئۆزى ئالسۇن.
34چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» بولغان تۆش بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئارقا پۇتىنى ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بىلەن ئىسرائىللاردىن ئېلىپ، كاھىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەققى بولسۇن دەپ ئۇلارغا تەقدىم قىلدىم.  
35مۇسا ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا كاھىن بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگەن كۈنىدە، ئۇلارغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن تەقدىم قىلىنىدىغان كاھىنلىق ئۈلۈشى مانا شۇدۇر.
36مۇسا ئۇلارنى مەسىھلىگەن كۈنىدە، پەرۋەردىگار بۇ ئۈلۈشنى ئىسرائىللاردىن ئېلىپ ئۇلارغا بېرىلسۇن دەپ ئەمر قىلغان. بۇ ئىسرائىللارغا دەۋردىن دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
37كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى، كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە‫‪‎-‎‬‬نىزام مانا شۇدۇر.

Read لاۋىيلار 7لاۋىيلار 7
Compare لاۋىيلار 7:24-37لاۋىيلار 7:24-37