25ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ گۇناھ قۇربانلىقىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن؛ بۇ خىل قۇربانلىق «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
26گۇناھ قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگۈچى كاھىن ئۆزى ئۇنى يېسۇن؛ قۇربانلىق مۇقەددەس بىر يەردە، جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېيىلسۇن.