22ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇشقا مەسىھلەنگەن بولسا ئۇمۇ ھەدىيەنى شۇنداق تەييارلاپ سۇنسۇن؛ بۇ ئەبەدىي مۇتلەق بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. بۇ ھەدىيە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلسۇن.
23كاھىننىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن؛ ئۇ ھەرگىز يېيىلمىسۇن.