Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 3

لاۋىيلار 3:4-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن.
5ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى بولسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە كەلتۈرۈپ ئوت ئۈستىگە قويۇلغان ئوتۇننىڭ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ.
6بىرسىنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنىدىغىنى ئۇششاق مالدىن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم بىر ئەركىكىنى ياكى چىشىسىنى كەلتۈرسۇن.
7ئەگەر ئۇنىڭ قۇربانلىقى قوي بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ،
8قۇربانلىق قىلىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.
9سۇنغۇچى كىشى بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى، يەنى ئۇنىڭ مېيىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، ــ پۈتۈن مايلىق قۇيرۇقىنى ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىغا يېقىن يەردىن ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ،
10ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن.
11كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.

Read لاۋىيلار 3لاۋىيلار 3
Compare لاۋىيلار 3:4-11لاۋىيلار 3:4-11