32كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن ئېلىنىدىغان ئۆشرە بولسا پادىچىنىڭ تايىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھايۋانلاردىن ھەر ئونىنچىسى بولسۇن؛ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس قىلىنغىنى شۇ بولسۇن.
33ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قارىمىسۇن ۋە ياكى ئۇنى ئالماشتۇرمىسۇن؛ ئەگەر ئۇنى ئالماشتۇرىمەن دېسە، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن؛ ئۇ ھەرگىز بەدەل تۆلۈپ قايتۇرۇۋېلىنمىسۇن.
34پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا تاپىلغان، ئىسرائىللارغا تاپشۇرۇش كېرەك بولغان ئەمرلەر مانا شۇلار ئىدى.