Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 26

لاۋىيلار 26:33-43

Help us?
Click on verse(s) to share them!
33سىلەرنى ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارىتىپ، كەينىڭلاردىن قىلىچنى سۇغۇرۇپ قوغلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭلار ۋەيران بولۇپ شەھەرلىرىڭلار خاراب قىلىنىدۇ.
34ئۇ ۋاقىتتا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىڭلاردا، زېمىن ۋەيرانە بولغان بارلىق كۈنلەردە، زېمىن ئۆز شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇ زاماندا زېمىن دەرۋەقە ئارام ئېلىپ ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ.
35ئۆزى ۋەيرانە بولۇپ تۇرغان بارلىق كۈنلىرىدە ئۇ ئارام ئالىدۇ، يەنى سىلەر ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتىكى شابات كۈنلىرىڭلاردا ھېچ ئالمىغان ئارامنى ئەمدى ئالىدۇ.
36ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولسا، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ زېمىنلىرىدا تۇرغىنىدا كۆڭۈللىرىگە يۈرەكزادىلىك سالىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشكەن بىر يوپۇرماقنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىسا قىلىچتىن قاچقاندەك قاچىدۇ؛ ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ.
37گەرچە ھېچكىم ئۇلارنى قوغلىمىسىمۇ، دەرۋەقە قىلىچتىن يىقىتىلغاندەك ئۇلار بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىنىڭ ئۈستىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ سىلەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچ قالمايدۇ.
38ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنى سىلەرنى يەپ كېتىدۇ.
39ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا ئۆز رەزىللىكى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا زەئىپلىشىدۇ؛ ۋە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ.
40ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان رەزىللىكى بىلەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكىنى، ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ،
41شۇنىڭدەك مېنىڭ ئۇلارغا قارشى ماڭغىنىمغا، شۇنىڭدەك ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمغا ئىقرار بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خەتنىسىز كۆڭلى تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسا،
42ئۇنداقتا مەن ياقۇپ بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى ياد قىلىپ، ئىسھاق بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ۋە ئىبراھىم بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ئېسىمگە كەلتۈرىمەن، زېمىننىمۇ ياد قىلىمەن.
43چۈنكى زېمىن ئۇلاردىن تاشلىنىپ، ئۇلارسىز بولۇپ خارابە تۇرغان ۋاقىتتا، شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇلار بولسا ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ سەۋەبى دەل شۇكى، ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تاشلىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى قەلبىدىن يامان كۆرگەنىدى.

Read لاۋىيلار 26لاۋىيلار 26
Compare لاۋىيلار 26:33-43لاۋىيلار 26:33-43