1سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت ياسىماڭلار ياكى ئۆزۈڭلارغا ھېچ ئويما مەبۇد ياكى ھەيكەل-تۈۋرۈكنى تۇرغۇزماڭلار ياكى ئۇلارغا باش ئۇرۇشقا ئويۇلغان نەقىشلىك تاشلارنى زېمىنىڭلاردا ھەرگىز تىكلىمەڭلار؛ چۈنكى ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
2مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇپ، مۇقەددەس جايىمغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
3ئەگەر سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار،
4مەن يېرىڭلارنىڭ ئۆز ھوسۇلىنى بېرىپ تۇرۇشىغا، دالادىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى چىقىرىشىغا ۋاقتىدا يامغۇرلىرىڭلارنى ياغدۇرۇپ تۇرىمەن.
5شۇنىڭ بىلەن خامان تېپىش ۋاقتى ئۈزۈم يىغىش پەسلىگىچە بولىدۇ، ئۈزۈم يىغىش ۋاقتى تېرىلغۇ ۋاقتىغىچە بولىدۇ؛ سىلەر نېنىڭلارنى تويۇنغۇچە يەپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر.