Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 23

لاۋىيلار 23:31-40

Help us?
Click on verse(s) to share them!
31شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ بۇ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ.
32ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن تولۇق ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئەتىسى گۇگۇمغىچە شابات كۈنىگە رىئايە قىلىپ ئارام ئېلىڭلار.
33پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
34سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ، يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى» بولىدۇ.   
35بىرىنچى كۈندە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلماڭلار.
36يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ سەككىزىنچى كۈندە سىلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بۇ ئۆزى تەنتەنىلىك يىغىلىش بولغاچ، ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلماڭلار.
37سىلەر «مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن» دەپ جاكارلايدىغان، يەنى پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار مانا شۇلاردۇر. شۇ سورۇنلاردا سىلەر ھەرقايسى كۈنگە بېكىتىلگىنى بويىچە، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە‫‪‎-‎‬‬قۇربانلىق، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيە، باشقا ھەرخىل قۇربانلىقلار ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى سۇنىسىلەر؛
38بۇلاردىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شابات كۈنلىرىنى تۇتىسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قالغان ھەدىيەلىرىڭلارنى بېرىپ، قەسەم قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى سۇنىسىلەر.
39سىلەر ئەمدى زېمىندىن ھوسۇل‫‪‎-‎‬‬مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ بولۇپ، يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ، سەككىزىنچى كونىدىمۇ تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ.
40بىرىنچى كۈنى سىلەر ئېسىل دەرەخلەردىن شاخ‫‪‎-‎‬‬پۇتاقلارنى چاتاپ، يەنى خورما دەرەخلىرى بىلەن قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ، ئېرىق بويىدىكى سۆگەت چىۋىقلىرىنى قىرقىپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا يەتتە كۈننى شۇنداق شاد‫‪‎-‎‬‬خۇرام ئۆتكۈزىسىلەر.

Read لاۋىيلار 23لاۋىيلار 23
Compare لاۋىيلار 23:31-40لاۋىيلار 23:31-40