Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 21

لاۋىيلار 21:2-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2پەقەت ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن ــ ئانىسى بىلەن ئاتىسى، ئوغلى بىلەن قىزى ۋە ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئىنىسىنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛
3شۇنىڭدەك ئەگەر ئاچا‫‪‎-‎‬‬سىڭلىسى ئەرگە تەگمەي پاك قىز ھالەتتە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛
4چۈنكى كاھىن ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا مۆتىۋەر بولغاچقا، ئۆزىنى ناپاك قىلىپ بۇلغىماسلىقى كېرەك.
5كاھىنلار بېشىنى يېرىم‫‪‎-‎‬‬ياتا قىلىپ چۈشۈرمەسلىكى، ساقىلىنىڭ ئۇچ‫‪‎-‎‬‬يانلىرىنى ھەم چۈشۈرمەسلىكى، بەدىنىگىمۇ زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماسلىقى كېرەك،
6بەلكى ئۇلار ئۆز خۇداسىغا مۇقەددەس تۇرۇپ، خۇداسىنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلارنى، ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار مۇقەددەس بولۇشى كېرەك.
7ئۇلار بىر ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالغاندا پاھىشە ئايالنىمۇ، بۇزۇق ئايالنىمۇ ئالماسلىقى كېرەك ۋە ئېرى قويۇۋەتكەن ئايالنىمۇ ئالمىسۇن. چۈنكى كاھىن بولسا ئۆز خۇداسىغا خاس مۇقەددەس قىلىنغان.
8ئۇ خۇدايىڭنىڭ نېنىنى سۇنغىنى ئۈچۈن ئۇ ساڭا نىسبەتەن مۇقەددەس دەپ سانىلىشى كېرەك؛ چۈنكى سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈم مۇقەددەستۇرمەن.
9ئەگەر بىر كاھىننىڭ قىزى پاھىشىلىك قىلىپ ئۆزىنى بۇلغىغان قىلسا، ئۆز ئاتىسىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن.
10بېشىغا مەسىھلەش زەيتۇن مېيى تۆكۈلگەن، كاھىنلىق كىيىملەرنى كىيىشكە تىكلەنگەن، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن قىلىنغان كىشى يالاڭباش بولمىسۇن، كىيىملىرىنىمۇ يىرتمىسۇن؛
11ئۇ يەنە ھېچ ئۆلۈككە يېقىنلاشماسلىقى كېرەك، ھەتتا ئاتىسى ۋە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك.
12ئۇ ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقاندا مۇقەددەس جايدىن ھەرگىز ئايرىلمىسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇداسىنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسىنىڭ ئۇنى ئۆزىگە خاس قىلغان «مەسىھلەش مېيى» ئۇنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
13ئۇ خوتۇن ئالسا پاك قىزنى ئېلىشى كېرەك؛
14تۇل ۋە ياكى ئەردىن قويۇۋېتىلگەن ئايال ۋە ياكى بۇزۇق ۋە ياكى پاھىشە ئايال بولسا بۇلارنى ئالماسلىقى، بەلكى ئۆز خەلقىدىن بولغان پاك قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك.
15بولمىسا ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئۇرۇقىنى ناپاك قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار مەندۇرمەن.
16پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
17سەن ھارۇنغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ «ئەۋلادتىن‫‪‎-‎‬‬ئەۋلادقىچە سېنىڭ نەسلىڭدىن بولغان بىرسى مېيىپ بولسا، خۇدانىڭ نېنىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىن كەلمىسۇن؛
18مېيىپ بولغان ھەرقانداق كىشى ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن ــ ياكى كور بولسۇن، توكۇر بولسۇن، پاناق بولسۇن ياكى بىر ئەزاسى يەنە بىر جۈپىدىن ئۇزۇن بولغان ئادەم بولسۇن،
19پۇتى ياكى قولى سۇنۇق بولسۇن،
20دوك بولسۇن، پارپا بولسۇن، كۆزىدە ئاق بولسۇن، قىچىشقاق بولغان بولسۇن، تەمرەتكە باسقان بولسۇن ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلگەن ھەركىم بولسۇن،
21ھارۇن كاھىننىڭ نەسلىدىن بولغان ئۇنداق مېيىپ كىشىلەرنىڭ ھېچبىرى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە يېقىن بارمىسۇن؛ ئۇنداق كىشى مېيىپتۇر؛ ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنۇشقا يېقىن كەلمىسۇن.
22ھالبۇكى، ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى، يەنى «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» ھېسابلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېسۇن.
23پەقەت ئۇ پەردىدىن ئۆتۈپ ئىچكىرىسىگە كىرمەسلىكى ياكى قۇربانگاھقىمۇ يېقىن بارماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ مېيىپتۇر؛ بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس جايلىرىمنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن».

Read لاۋىيلار 21لاۋىيلار 21
Compare لاۋىيلار 21:2-23لاۋىيلار 21:2-23