54ئۇنداقتا كاھىن دېغى بار نەرسىنى يۇيۇلسۇن دەپ بۇيرۇپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ساقلىسۇن.
55بۇ نەرسە يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن يەنە داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا (گەرچە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسىمۇ)، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر؛ سەن ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرگىن. چۈنكى مەيلى ئۇنىڭ ئىز-دېغى ئىچ يۈزىدە بولسۇن ياكى تاش يۈزىدە بولسۇن ئۇ چىرىتكۈچ ئىز-داغ ھېسابلىنىدۇ.
56لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، مانا، داغنىڭ رەڭگى يۇيۇلغاندىن كېيىن سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ شۇ قىسمىنى كىيىم-كېچەكتىن، ئۆرۈش يىپتىن ياكى ئارقاق يىپتىن بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن بولسۇن ئۇنى يىرتىپ ئېلىپ، تاشلىۋەتسۇن.