Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 13

لاۋىيلار 13:45-58

Help us?
Click on verse(s) to share them!
45شۇنداق جاراھىتى بار پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى كىيىملىرى يىرتىق، چاچلىرى چۇۋۇق، بۇرۇت‫‪‎-‎‬‬ساقىلى يېپىقلىق ھالدا‫‪:‬‬ «ناپاك، ناپاك!» دەپ توۋلاپ يۈرۈشى كېرەك.   
46شۇ جاراھىتى بولغان بارلىق كۈنلەردە ئۇ «ناپاك» سانىلىدۇ؛ ئۇ ناپاك بولغاچقا، ئايرىم تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بولسۇن.
47ئەگەر بىر كىيىمدە، مەيلى يۇڭدىن ياكى كاناپتىن تىكىلگەن بولسۇن ئۇنىڭدا پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېغى پەيدا بولسا،
48يەنى كاناپ ياكى يۇڭدىن توقۇلغان رەختتە، ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپلىرىدا بولسۇن، تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدا ياكى تېرىدىن ئېتىلگەن ھەرقانداق نەرسىلەردە پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېغى بولسا،
49شۇنداقلا كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدا، ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپلىرىدا، يا تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەردە پەيدا بولغان ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا بۇ ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ «پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېغى» دەپ قارىلىپ كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن.
50كاھىن داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن، ئاندىن ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ پەيدا بولغان نەرسىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم ساقلىسۇن.
51ئۇ يەتتىنچى كۈنى ئىز‫‪‎-‎‬‬داغغا قاراپ باقسۇن؛ ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ چۈشكەن كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدا ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئۇ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ چىرىتكۈچ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلى دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇلار ناپاك سانالسۇن.
52شۇنىڭدەك كاھىن ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپىدا ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ بولسا كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە شۇنداق ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ بولسا ئۇلارنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتسۇن؛ چۈنكى بۇ چىرىتكۈچ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىدۇر. مۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈش كېرەكتۇر.
53لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكتىكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ئارقاق يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ كېڭەيمىگەن بولسا،
54ئۇنداقتا كاھىن دېغى بار نەرسىنى يۇيۇلسۇن دەپ بۇيرۇپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ساقلىسۇن.
55بۇ نەرسە يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن يەنە داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا (گەرچە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسىمۇ)، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر؛ سەن ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرگىن. چۈنكى مەيلى ئۇنىڭ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېغى ئىچ يۈزىدە بولسۇن ياكى تاش يۈزىدە بولسۇن ئۇ چىرىتكۈچ ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ ھېسابلىنىدۇ.
56لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، مانا، داغنىڭ رەڭگى يۇيۇلغاندىن كېيىن سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ شۇ قىسمىنى كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكتىن، ئۆرۈش يىپتىن ياكى ئارقاق يىپتىن بولسۇن، ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن بولسۇن ئۇنى يىرتىپ ئېلىپ، تاشلىۋەتسۇن.
57ئەگەر بۇ ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكتە، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، يا تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە كۆرۈنسۇن، بۇ كېڭىيدىغان بىرخىل پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېغى دەپ سانالسۇن؛ سەن ئۇ چاپلاشقان كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكنى كۆيدۈرۈۋەتكىن.
58لېكىن ئەگەر ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكتە بولسۇن (ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپىدا بولسۇن) ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، يۇيۇلۇش بىلەن چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ ئېگىن ئىككىنچى قېتىم يۇيۇلسۇن، ئاندىن پاك سانالسۇن.

Read لاۋىيلار 13لاۋىيلار 13
Compare لاۋىيلار 13:45-58لاۋىيلار 13:45-58