Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 13

لاۋىيلار 13:11-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11بۇ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە چۈشكەن كونا پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتىنىڭ قايتىدىن قوزغىلىشى بولۇپ، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئۇ ناپاك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى سولاشنىڭ ھاجىتى يوق.
12لېكىن ئەگەر پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ قوزغىلىپ، جاراھىتى بار كىشىنىڭ تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن نەگىلا قارىسا شۇ يەردە شۇ «پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ» بولسا، تېرىسىنى بېشىدىن پۇتىغىچە قاپلاپ كەتكەن بولسا،
13ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ مانا، شۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتى پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا، ئۇ جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ «پاك» دەپ سانالسۇن.
14لېكىن قاچانىكى ئۇنىڭدا ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆشى كۆرۈنۈپ قالسا، ئۇ كىشى ناپاك سانالسۇن.
15كاھىن مۇنداق كۆرۈنگەن ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆشىگە قاراپ، ئۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى شۇ ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆش ناپاك بولۇپ، ئۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىدۇر.
16ھالبۇكى، ئەگەر ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆشى قايتىدىن ئۆزگىرىپ، ئاقارسا ئۇ كىشى يەنە كاھىننىڭ قېشىغا كەلسۇن.
17كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ جاراھەت ئاقارغان بولسا، كاھىن جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ پاك سانىلىدۇ.
18ئەگەر بىركىمنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە ھۈررەك چىقىپ ساقىيىپ،
19ھۈررەكنىڭ ئورنىدا ئاق چىقان ياكى قىزغۇچ داغ پەيدا بولغان بولسا، كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن.
20كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر داغ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ ھۈررەكتىن قوزغىلىپ پەيدا بولغان پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلى جاراھىتىدۇر.
21لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، داغ چىققان جايدا ئاقىرىپ قالغان تۈكلەر بولمىسا، ۋە داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولمىسا، رەڭگى سەل سۇسراق بولغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
22ئەگەر داغ دەرۋەقە تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتىدۇر.
23ئەمما ئەگەر داغ ئۆز جايىدا توختاپ يېيىلمىغان بولسا، بۇ پەقەت ھۈررەكنىڭ زەخمى، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن.
24ئەگەر بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىنىڭ مەلۇم جايى كۆيۈپ قېلىپ، كۆيگەن جاي ئاق‫‪‎-‎‬‬قىزغۇچ ياكى پۈتۈنلەي ئاق داغ بولۇپ قالسا،
25كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر شۇ داغدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ كەتكەن، داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كۆيۈك يارىسىدىن پەيدا بولغان پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىدۇر؛ كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتىدۇر.

Read لاۋىيلار 13لاۋىيلار 13
Compare لاۋىيلار 13:11-25لاۋىيلار 13:11-25