11«سۇلايماننىڭ بائال-ھاموندا ئۈزۈمزارى بار ئىدى، ئۈزۈمزارىنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋىسى ئۈچۈن مىڭ تەڭگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؛
12ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مىڭ تەڭگىسى ساڭا بولسۇن، ئى سۇلايمان، شۇنىڭدەك ئىككى يۈز تەڭگە مېۋىسىنى باققۇچىلارغا بولسۇن».
13«ھەي باغلاردا تۇرغۇچى، ھەمراھلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇسى بار؛ ماڭىمۇ ئۇنى ئاڭلاتقۇزغايسەن».