Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كۈيلەرنىڭ كۈيى - كۈيلەرنىڭ كۈيى 6

كۈيلەرنىڭ كۈيى 6:6-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىندۇر؛ ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر؛
7چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر.
8ئاتمىش خانىش، سەكسەن كېنىزەكمۇ بار؛ قىزلار ساناقسىز؛  
9بىراق مېنىڭ پاختىكىم، غۇبارسىزىم بولسا بىردىنبىردۇر؛ ئانىسىدىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە تەڭداشسىز بولغۇچى، ئۆزىنى تۇغقۇچىنىڭ تاللىغىنىدۇر. قىزلار ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتاشتى، خانىشلار ۋە كېنىزەكلەرمۇ كۆرۈپ ئۇنى ماختاشتى».
10«تاڭ سەھەر جاھانغا قارىغاندەك، ئايدەك گۈزەل، ئايدىڭدەك روشەن، ئىللىق قۇياشتەك يورۇق، تۇغلارنى كۆتۈرگەن قوشۇنلاردەك ھەيۋەتلىك بولغۇچى كىمدۇر؟»

Read كۈيلەرنىڭ كۈيى 6كۈيلەرنىڭ كۈيى 6
Compare كۈيلەرنىڭ كۈيى 6:6-10كۈيلەرنىڭ كۈيى 6:6-10