4«سەن گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، تىرزاھ شەھىرىدەك گۈزەل؛ يېرۇسالېمدەك يېقىملىق، تۇغلارنى كۆتۈرگەن بىر قوشۇندەك ھەيۋەتلىكتۇرسەن؛
5ئاھ، كۆزلىرىڭنى مەندىن كەتكۈزگىن! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىب كېلىۋاتىدۇ؛ چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر.
6چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىندۇر؛ ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر؛
7چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر.