9مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم جەرەن ياكى ياش بۇغىدەكتۇر؛ مانا، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، ئۇ پەنجىرە-پەنجىرىلەردىن ماراپ باقىدۇ».
10«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن؛
11چۈنكى مانا، قىش ئۆتۈپ كەتتى، يامغۇر يېغىپ تۈگىدى، ئۇ كېتىپ قالدى؛
12يەر يۈزىدە گۈللەر كۆرۈندى؛ ناخشىلار سايراش ۋاقتى كەلدى، زېمىنىمىزدا پاختەكنىڭ ساداسى ئاڭلانماقتا؛
13ئەنجۈر دەرىخى قىشلىق ئەنجۈرلىرىنى پىشۇرماقتا، ئۈزۈم تاللىرى چېچەكلەپ ئۆز پۇرىقىنى چاچماقتا؛ ئورنۇڭدىن تۇر، مېنىڭ ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن!
14ئاھ مېنىڭ پاختىكىم، قورام تاش يېرىقى ئىچىدە، قىيا دالدىسىدا، ماڭا ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقايسەن، چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن، جامالىڭ يېقىملىقتۇر!»
15«تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى، يەنى ئۈزۈمزارلارنى بۇزغۇچى كىچىك تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى؛ چۈنكى ئۈزۈمزارلىرىمىز چېچەكلىمەكتە».
16«سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر، مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن؛ ئۇ نىلۇپەرلەر ئارىسىدا پادىسىنى بېقىۋاتىدۇ».
17«تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، ماڭا قاراپ بۇرۇلۇپ كەلگىن، ئى سۆيۈملۈكۈم، ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن سەكرەپ كېلىدىغان جەرەن ياكى بۇغىدەك بولغىن!».