1ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن؛
2شۇنىڭدەك بىزنىڭ قەبىھ ۋە رەزىل ئادەملەردىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ھەممىلا ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادلىق بولۇۋەرمەيدۇ.
3ئەمما رەب ئۆزى ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم رەزىل بولغۇچىدىن ساقلايدۇ.
4ئەمما رەبدە، سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداقلا داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ، دەپ خاتىرجەممىز.
5ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي.
6ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار.
7بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر؛ چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا تەرتىپسىز يۈرمىگەنىدۇق.
8ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمەيتتۇق؛ بەلكى بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈزلەپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ جاپالىق ئىشلەيتتۇق.
9بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم كۈتۈشكە ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى سىلەرگە بىزدىن ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇپ، سىلەرنىڭ بىزگە ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى.
10چۈنكى بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرگە: «بىرسى ئىشلىمەيمەن دېسە، ئۇ يېمىسۇن!» دەپ تاپىلىغانىدۇق.
11چۈنكى بىز ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.
12بىز مۇشۇنداقلارغا رەب ئەيسا مەسىھدە شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن ئۆز نېنىڭلارنى تېپىپ يەڭلار.
13لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئېرىنمەڭلار.
14ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار.
15بىراق، ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار.
16خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي. رەب ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي!
17مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم؛ بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر.
18رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!