1مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام.
2خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي!
3سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا.
4شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛
5بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛
7شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟
8شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ.
9بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ.
10ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ.
11شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىلەر ئۈچۈن دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان بىزنىڭ خۇدايىمىز سىلەرنى ئۆز ئۇلۇغ چاقىرىقىغا لايىق ھېسابلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن بارلىق گۈزەل مەقسەت-مۇددىئالىرىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلاردىن چىققان بارلىق خىزمەتلىرىڭلارنى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغاي.
12شۇنىڭ بىلەن، خۇدايىمىزنىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى سىلەردە شان-شەرەپ بولۇپ ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇنىڭدا شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر.