Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئىبرانىيلارغا

ئىبرانىيلارغا 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمدى ئۇنىڭ ئاراملىقىغا كىرىپ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى بىزگە قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنىڭمۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇنچتا ئېھتىيات قىلايلى.
2چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى.
3چۈنكى بۇ ئاراملىققا كىرگەنلەر بولسا ــ ئېتىقاد قىلغان بىزلەرمىز. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك‫‪:‬‬ «شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ‫‪:‬‬ ــ «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ ــ دېگەن». خۇدانىڭ ئەمەللىرى بولسا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىلا ھەممىسى تاماملانغانىدى؛
4چۈنكى يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق دېيىلگەن‫‪:‬‬ «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى».  
5يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا‫‪:‬‬ «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى.  
6بۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىككى، خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرەلەيدىغانلار بار، ئەمما ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كىرەلمىدى.
7شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ ئاراملىق توغرىسىدا ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، داۋۇت پەيغەمبەر ئارقىلىق يەنە شۇنداق ئېيتقان‫‪:‬‬ ــ «بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!»
8ئەگەر يەشۇئا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر ئاراملىق كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى.
9قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە.
10چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل‫‪‎-‎‬‬ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ.
11شۇڭا ھېچقايسىمىزنىڭ ئەنە شۇ ئىسرائىللاردەك ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھالىتىدە يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىققا كىرىشكە ئىنتىلەيلى.
12چۈنكى خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي‫‪‎-‎‬‬پىكىر ۋە ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر.
13ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق‫‪‎-‎‬‬ئاشكارىدۇر.
14شۇنداق بولغانىكەن، شۇنداقلا ئەرش‫‪‎-‎‬‬ئاسمانلاردىن ئۆتۈپ چىققان ئۇلۇغ باش كاھىنىمىز، يەنى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا بولغانىكەن، بىز ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى.
15چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش‫‪‎-‎‬‬سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر.
16شۇڭا يۈرىكىمىز توق ھالدا رەھىم‫‪‎-‎‬‬شەپقەتكە ئېرىشىش ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت ئايان قىلىنغۇچى تەختكە يېقىنلىشايلى.