Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئىبرانىيلارغا

ئىبرانىيلارغا 13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاراڭلاردا قېرىنداشلىق مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت توختىمىسۇن.
2ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر شۇ يول بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.
3زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە زىنداندا زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار. خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار.  
4ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن، ئەر‫‪‎-‎‬‬خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن؛ چۈنكى خۇدا بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ۋە زىنا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدۇ.
5مېڭىش‫‪‎-‎‬‬تۇرۇشۇڭلار پۇلپەرەسلىكتىن خالىي بولسۇن، بارىغا قانائەت قىلىڭلار. چۈنكى خۇدا مۇنداق دېگەن‫‪:‬‬ «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن».  
6شۇڭا، يۈرەكلىك بىلەن ئېيتالايمىزكى، «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن، كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»  
7سىلەرگە خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزگەن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ مېڭىش‫‪‎-‎‬‬تۇرۇشىنىڭ مېۋە‫‪‎-‎‬‬نەتىجىسىگە كۆڭۈل قويۇپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۈلگە قىلىڭلار‫‪:‬‬ ــ
8ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ!
9شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرخىل غەيرىي تەلىملەر بىلەن ئېزىقتۇرۇلۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى قۇربانلىققا خاس يېمەكلىكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا كۆرگەن ئەمەس.
10بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانگاھىمىز باركى، ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغانلارنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىش ھوقۇقى يوقتۇر.
11چۈنكى گۇناھ تىلەش سۈپىتىدە سويۇلغان، قېنى باش كاھىن تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن قۇربانلىق ھايۋانلارنىڭ تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كۆيدۈرۈلەتتى.   
12شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى.   
13شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى.
14چۈنكى يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق، بەلكى كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز.
15شۇڭا، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قۇربانلىق سۈپىتىدە مەدھىيىلىرىمىزنى توختاۋسىز ئاتايلى، يەنى ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى.   
16ئەمدى خەير‫‪‎-‎‬‬ساخاۋەت قىلىشنى ۋە بارىڭلاردىن ئورتاق تەقسىملەشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ.
17يېتەكچىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بېرىدىغانلار بولۇپ، ھەمىشە جېنىڭلاردىن خەۋەر ئېلىشقا ئويغاق تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قايغۇ‫‪‎-‎‬‬ئەلەم بىلەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنداق بولسا سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزۈلمەيدۇ) بەلكى خۇشال‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسۇن.  
18بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە، ھەربىر ئىشلاردا توغرا يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلىقىمىزغا قايىل قىلىندۇق.

19يېنىڭلارغا پاتراق قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن.
20ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا   
21ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبىدىلئەبەدگىچە شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بولغاي! ئامىن!   
22سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلىرىم، بۇ نەسىھەت سۆزۈمگە ئېغىر كۆرمەي قۇلاق سالغايسىلەر؛ سىلەرگە مۇشۇنچىلىكلا سۆزلەرنى يازدىم، خالاس.
23قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، مەن سىلەرنى يوقلاپ بارغىنىمدا ئۇ مەن بىلەن بىللە بارىدۇ.
24بارلىق يېتەكچىلىرىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئىتالىيەدىن كەلگەنلەر سىلەرگە سالام يوللىدى.
25مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! روسۇل ياقۇپ يازغان مەكتۇپ