Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 9

لاۋىيلار 9:7-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇنغا‫‪:‬‬ ــ سەن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ گۇناھ قۇربانلىقىڭ بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنۇپ ئۆزۈڭ ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرگىن؛ ئاندىن خەلقنىڭ قۇربانلىقىنىمۇ سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندەك ئۇلار ھەققىدە كافارەت كەلتۈرگىن» ــ دېدى.
8شۇنى دېۋىدى، ھارۇن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان موزاينى بوغۇزلىدى.
9ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قاننى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈردى، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە قۇيدى.
10گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيى بىلەن ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى ئېلىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى.
11گۆش بىلەن تېرىسىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ ئوتتا كۆيدۈردى.
12ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان قوچقارنى بوغوزلىدى؛ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا قاننى سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى.
13ئاندىن ئۇلار پارچە‫‪‎-‎‬‬پارچە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بېشى بىلەن بىللە ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈردى.
14ئۇ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، بۇلارنىمۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى.
15ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ قۇربانلىقىنى كەلتۈردى؛ خەلقنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تېكىنى بوغۇزلاپ، ئىلگىرى ھايۋاننى سۇنغاندەك ئۇنىمۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ سۇندى.

Read لاۋىيلار 9لاۋىيلار 9
Compare لاۋىيلار 9:7-15لاۋىيلار 9:7-15