Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 7

لاۋىيلار 7:16-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
16ئەگەر ئۇنىڭ سۇنغان قۇربانلىقى قەسىمىگە خاس قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي كەلتۈرگەن قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ھايۋاننىڭ گۆشى قۇربانلىق قىلىنغان كۈندە يېيىلسۇن؛ ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنىنى بولسا، ئەتىسىمۇ يېيىشكە بولىدۇ؛
17لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئېشىپ قالسا، ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك.
18ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىدە يېيىلسە، ئۇنداقتا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ، قۇربانلىق سۇنغۇچىنىڭ ھېسابىغىمۇ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى مەكرۇھ بولىدۇ؛ كىمدەكىم ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ.
19شۇنداقلا ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالغان گۆشمۇ يېيىلمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. ھەرقانداق پاك ئادەم ناپاك نەرسىگە تەگمىگەن قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ.
20لېكىن كىمكى ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.   
21كىمكى ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە (مەيلى ناپاك ھالەتتىكى ئادەم بولسۇن، ناپاك بىر ھايۋان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن) ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا خاس ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
22پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
23ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ مېيىنى ھەرگىز يېمەڭلار.
24ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننىڭ جەسىتىنىڭ مېيىنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز ئۇنىڭدىن يېمەڭلار.
25چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مېيىنى يېسە، شۇنى يېگەن كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
26سىلەر ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا ھېچقانداق قاننى، يەنى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارنىڭ بولسۇن ياكى چارپايلارنىڭ بولسۇن قېنىنى ھەرگىز ئېستىمال قىلماڭلار.
27كىمدەكىم ھەرقانداق قاننى ئېستىمال قىلسا، شۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
28پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
29ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارغا خاس بولغان ھەدىيەنى شۇ ئىناقلىق قۇربانلىقتىن ئايرىپ كەلتۈرسۇن.

Read لاۋىيلار 7لاۋىيلار 7
Compare لاۋىيلار 7:16-29لاۋىيلار 7:16-29