Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 7

لاۋىيلار 7:12-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
12سۇنماقچى بولغان كىشى ئۇنى تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ «تەشەككۈر قۇربانلىقى» بىلەن بىللە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچلار، زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە ئېسىل ئۇندىن زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغان توقاچلارنىمۇ كەلتۈرسۇن.   
13شۇ توقاچلاردىن باشقا، يەنە تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن بىللە ئېچىتقۇ سېلىنغان نانلارنىمۇ سۇنسۇن؛
14ئۇ شۇ سۇنغانلىرىنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرنى ئېلىپ پەرۋەردىگار ئۈچۈن قوش قوللاپ سۇنىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە سەپكەن كاھىننىڭ ئۆزىگە تەگسۇن.
15تەشەككۈر بىلدۈرىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بولسا قۇربانلىق قىلىنغان شۇ كۈنى يېيىلىشى كېرەك؛ قۇربانلىقنى سۇنغۇچى كىشى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ھېچ نېمىسىنى قالدۇرمىسۇن.
16ئەگەر ئۇنىڭ سۇنغان قۇربانلىقى قەسىمىگە خاس قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي كەلتۈرگەن قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ھايۋاننىڭ گۆشى قۇربانلىق قىلىنغان كۈندە يېيىلسۇن؛ ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنىنى بولسا، ئەتىسىمۇ يېيىشكە بولىدۇ؛
17لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئېشىپ قالسا، ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك.
18ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىدە يېيىلسە، ئۇنداقتا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ، قۇربانلىق سۇنغۇچىنىڭ ھېسابىغىمۇ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى مەكرۇھ بولىدۇ؛ كىمدەكىم ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ.
19شۇنداقلا ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالغان گۆشمۇ يېيىلمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. ھەرقانداق پاك ئادەم ناپاك نەرسىگە تەگمىگەن قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ.
20لېكىن كىمكى ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.   
21كىمكى ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە (مەيلى ناپاك ھالەتتىكى ئادەم بولسۇن، ناپاك بىر ھايۋان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن) ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا خاس ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
22پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ

Read لاۋىيلار 7لاۋىيلار 7
Compare لاۋىيلار 7:12-22لاۋىيلار 7:12-22