19كۈچ-ھەيۋەڭلاردىن بولغان ھاكاۋۇرلۇقىڭلارنى سۇندۇرىمەن؛ ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك قىلىپ، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن؛
20ئەجىر-جاپايىڭلار بىكارغا كېتىدۇ، يېرىڭلار ھوسۇل بەرمەيدۇ، دالادىكى دەرەخلەرگە مېۋە چۈشمەيدۇ.
21ئەگەر يەنىلا مەن بىلەن قارشى ماڭساڭلار، شۇنداقلا ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلارغا لايىق بېشىڭلارغا چۈشىدىغان ۋابا-كۈلپەتلەرنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن.
22ئاراڭلارغا سىلەرنى بالىلىرىڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان، چارپايلىرىڭلارنى يوقىتىدىغان، سىلەرنى ئازلىتىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ يول-كوچىلىرىڭلار ئادەمزاتسىز چۆلدەك بولۇپ قالىدۇ.
23سىلەر بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت-تەربىيە ئالماي، بەلكى يەنىلا ماڭا قارشى ماڭساڭلار،