34شۇنداق ھەم بۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىز-يەرلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەبەدىي مىراسى بولغاچقا، سېتىلسا بولمايدۇ.
35ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن.
36سەن ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ۋە ياكى پايدا ئالمىغىن؛ سەن خۇدايىڭدىن قورقۇپ، قېرىندىشىڭنى قېشىڭدا تۇرۇشقا قويغىن.
37پۇلۇڭنى ئۇنىڭغا ئۆسۈمگە بەرمە، ئاشلىقىڭنىمۇ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا ئۆتنە بەرمىگىن.
38خۇدايىڭلار بولۇشقا، قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىشكە سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن.
39ئەگەر ساڭا قوشنا بولغان قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى ساڭا ساتسا، ئۇنى قۇلدەك قۇللۇق خىزمىتىگە سالمىغىن؛