12شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم بۇيرۇقى چىققۇچە ئۇ كىشىنى سولاپ قويدى.
13ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
14قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار. ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن پۈتكۈل جامائەت بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن.
15ھەمدە سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىركىم ئۆز خۇداسىنى ھاقارەتلەپ قارغىسا ئۆز گۇناھىنى تارتىدۇ.
16پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ پۈتكۈل جامائەت چوقۇم بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ مەيلى ئۇ مۇساپىر بولسۇن ياكى يەرلىك بولسۇن، مۇقەددەس نامغا كۇپۇرلۇق قىلسا ئۆلتۈرۈلسۇن.
17ئەگەر بىرسى باشقا بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.