22ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالماڭلار، ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
23پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
24سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىپ، كانايلار چېلىنىش بىلەن ئەسلەتمە يوسۇندا ھېيت قىلىپ، مۇقەددەس سورۇنلارنى تۈزۈڭلار.
25ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بىر قۇربانلىق سۇنۇڭلار.
26پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ