Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 16

لاۋىيلار 16:11-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11ئاندىن ھارۇن گۇناھ قۇربانلىقىنى، يەنى ئۆزى ئۈچۈن بولغان تورپاقنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە ئۆزىگە گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان بۇ تورپاقنى بوغۇزلىسۇن؛
12ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھتىن ئېلىنغان چوغ بىلەن تولغان بىر خۇشبۇيداننى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ يۇمشاق ئېزىلگەن ئېسىل خۇشبۇي ئەتىر بىلەن تولدۇرۇپ، بۇنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ بارسۇن؛
13ئاندىن خۇشبۇي ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتىكى ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھ ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى قاپلىسۇن دەپ، خۇشبۇينى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلمەيدۇ.
14ئۇ تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئۆز بارمىقى بىلەن كافارەت تەختىنىڭ شەرق تەرىپىگە چېچىپ، كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆز بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ، يەتتە قېتىم سەپسۇن.  
15ئاندىن ئۇ خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى بوغۇزلىسۇن؛ قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈپ، تورپاقنىڭ قېنىنى قىلغاندەك قىلسۇن، يەنى ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ كافارەت تەختىگە ۋە كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغا چاچسۇن.
16ئۇ بۇ يول بىلەن مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقىدىن، ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىدىن پاكلايدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ناپاكلىقى ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان جامائەت چېدىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كافارەت قىلسۇن.
17ئۇ كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندىن تارتىپ ئۇنىڭدىن چىققۇچە ھېچبىر ئادەم جامائەت چېدىرى ئىچىدە بولمىسۇن؛ بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆزى، ئۆيىدىكىلەر ۋە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ.
18ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھقا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭدەك تورپاقنىڭ قېنى بىلەن تېكىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈرسۇن؛
19ئۇ بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم سەپسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىدۇ.
20ــ مۇقەددەس جاي، جامائەت چېدىرى ۋە قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تىرىك تېكىنى كەلتۈرسۇن؛
21ئاندىن ھارۇن ئىككى قولىنى تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىھلىكلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇلارنى تېكىنىڭ بېشىغا ئارتسۇن؛ ئاندىن ئۇنى يېنىدا تەييار تۇرىدىغان بىر ئادەمنىڭ قولى بىلەن چۆلگە ئەۋەتىۋەتسۇن.
22بۇ يول بىلەن تېكە ئۇلارنىڭ ھەممە قەبىھلىكلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەمزاتسىز چۆلگە كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن.

Read لاۋىيلار 16لاۋىيلار 16
Compare لاۋىيلار 16:11-22لاۋىيلار 16:11-22