5كىمكى ئۇ ياتقان ئورۇن-كۆرپىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ئاندىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
6شۇنىڭدەك كىمكى مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ئولتۇرغان نەرسىدە ئولتۇرسا ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
7كىمكى ئاقما بولغان كىشىنىڭ تېنىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
8ئەگەر ئاقما بولغان كىشى پاك بىرسىگە تۈكۈرسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
9قايسىبىر ئېگەر-توقۇمنىڭ ئۈستىگە ئاقما بولغان كىشى مىنسە، شۇ نەرسە ناپاك سانالسۇن.